Tilde Biblia

زەبۇر 1

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر!
2
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.
3
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.  
4
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.
5
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
زەبۇر 1 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva