Tilde Biblia

زەبۇر 113

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
ھەمدۇسانا! مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار!
2
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!
3
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر!
4
پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.
5
كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،
6
ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟
7
نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛
8
ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛
9
ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا!
زەبۇر 113 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva