Tilde Biblia

زەبۇر 129

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» «ياشلىقىمدىن تارتىپ ئۇلار كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى» ــ ــ ئاھ، ئىسرائىل ھازىر بۇنى دېسۇن ــ
2
«ئۇلار ياشلىقىمدىن تارتىپ كۆپ قېتىم مېنى خار قىلىپ كەلدى، بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلغان ئەمەس.
3
قوش ھەيدىگۈچىلەر دۈمبەمدە ھەيدىگەن، چۆنەكلىرىنى ئىنتايىن ئۇزۇن تارتقان».
4
پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ئۇ رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى؛
5
ئۇلار شەرمەندە بولۇپ ئارقىسىغا ياندۇرۇلسۇن، زىئوندىن نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى!
6
ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىققان چۆپتەك بولسۇن؛ ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا سولىشىپ كېتىدىغان؛
7
ئوت-چۆپ ئورىغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر تۇتاممۇ چىقمايدۇ؛ باغ باغلىغۇچىغا بىر قۇچاقمۇ چىقمايدۇ؛
8
ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۈستۈڭلاردا بولغاي؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە بەخت تىلەيمىز!» ــ دېگەن سالامنى ھېچ بەرمەيدۇ.
زەبۇر 129 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva