Tilde Biblia

زەبۇر 137

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛
2
چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق.
3
چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ «ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى.
4
ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟
5
ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، ئوڭ قولۇم [ماھارىتىنى] ئۇنتۇسۇن!
6
سېنى ئەسلىمىسەم، ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن!
7
ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى.
8
ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر!
9
بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!
زەبۇر 137 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva