Tilde Biblia

زەبۇر 142

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
داۋۇت غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ۋاقىتتا يازغان «ماسقىل»: ــ مەن پەرۋەردىگارغا ئاۋازىمنى ئاڭلىتىپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن؛ پەرۋەردىگارغا ئاۋازىم بىلەن يېلىنىمەن؛
2
ئۇنىڭ ئالدىدا داد-زارلىرىمنى تۆكىمەن؛ ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىكىمنى ئېيتىمەن.
3
روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالغاندا، شۇ چاغدا باسقان يولۇمنى بىلگەنسەن؛ مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا قىلتاق سالدى.
4
ئوڭ يېنىمغا قاراپ باققايسەن؛ ئەتراپىمدا مېنى تونۇيدىغان ئادەم يوقتۇر؛ پاناھگاھ يوقاپ كەتتى؛ ھېچ ئادەم جېنىمغا كۆيۈنمەيدۇ.
5
مەن ساڭا پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ ساڭا: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولغان نېسىۋەمدۇرسەن» ــ دېدىم.
6
مېنىڭ پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ چۈنكى مەن ئىنتايىن خاراب ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇم؛ مېنى قوغلىغۇچىلىرىمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
7
سېنىڭ نامىڭنى تەبرىكلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى تۈرمىدىن چىقارغايسەن؛ ھەققانىيلار ئەتراپىمدا ئولىشىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا زور مېھرىبانلىق كۆرسىتىسەن.
زەبۇر 142 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva