Tilde Biblia

زەبۇر 16

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن.
2
مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى.  
3
يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر.
4
كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن.
5
پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛  
6
[نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن] سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر!
7
ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ.
8
مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
9
شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛
10
چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن.  
11
سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.
زەبۇر 16 - مۇقەددەس كىتاب (Uyghur) | Tilde Biblia | Bibliche - La Biblia Interactiva