زەبۇر 28
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق ) (2010)
1
داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن.
2
ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە، سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە، مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن!
3
مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛ ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر.
4
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ، ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛ قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛ تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن.
5
چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى، نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ، [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ.
6
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛ چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان.
7
پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
8
پەرۋەردىگار ئۆز [خەلقىنىڭ] كۈچىدۇر، شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر.
9
ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن، مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛ ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن، مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن.