Tilde Biblia

زەبۇر 30

مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) (2010)

1
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاشنى تەبرىكلەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سېنى ئالىي دەپ ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن مېنى پەستىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن خۇشاللاندۇرمىدىڭ.
2
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مەن ساڭا نالە كۆتۈردۈم، سەن مېنى ساقايتتىڭ.
3
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ.
4
پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىڭلار، ئى ئۇنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار.
5
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى دەقىقىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، شاپائىتى بولسا ئۆمۈرۋايەت بولىدۇ؛ يىغا-زار كېچىچە قونۇپ قالسىمۇ، خۇشاللىق تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ كېلىدۇ.
6
مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم.
7
پەرۋەردىگار، شاپائىتىڭ بىلەن، مېنىڭ تېغىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزغانىدىڭ؛ ئەمما سەن دىدارىڭنى قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ؛ مەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم؛
8
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار؛ مەن [سەن] رەبكە ئىلتىجا قىلدىم: ــ
9
ــ مېنىڭ قېنىم تۆكۈلۈپ، ھاڭغا كىرسەم نېمە پايدىسى باردۇر؟ توپا-چاڭ سېنى مەدھىيىلەمدۇ؟ ئۇ ھەقىقىتىڭنى جاكارلىيالامدۇ؟
10
ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەمدە بولغايسەن!
11
سەن ماتەم قايغۇسىنى ئۇسسۇل ئويناشلارغا ئايلاندۇردۇڭ؛ [ھازىلىق] بۆز كىيىمىمنى سالدۇرىۋېتىپ، ماڭا خۇشاللىقنى بەلۋاغ قىلىپ باغلىدىڭ؛
12
شۇڭا مېنىڭ روھىم سۈكۈت قىلماي، ساڭا كۈيلەر ئوقۇسۇن! ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، ساڭا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمەن!