زەبۇر 32
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق ) (2010)
1
داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر!
2
پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر!
3
مەن [گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي]، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛
4
چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ!
5
ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم، قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛ مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ. سېلاھ!
6
شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن! چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە، [سۇلار] شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ.
7
سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛ سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛ ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن! سېلاھ.
8
ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.
9
ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛ ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا، ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ».
10
رەزىللەرگە چۈشۈدىغان قايغۇ-ھەسرەتلەر كۆپتۇر، بىراق مېھىر-شەپقەتلەر پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشىنى چۆرىدەيدۇ؛
11
ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛ كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار!