زەبۇر 6
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق ) (2010)
1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە.
2
ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى.
3
مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
4
يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
5
چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟
6
مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
7
دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.
8
ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.
9
پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛
10
دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛ تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.