زەبۇر 98
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق ) (2010)
1
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى.
2
پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى.
3
ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى.
4
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار!
5
پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن!
6
كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛
7
دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن!
8
كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛
9
چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ.