رىملىقلارغا 13
مۇقېددېس كالام (يەنگى يېزىق ) (2010)
1
ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىلىرىگە بويسۇنسۇن. چۈنكى خۇدا تىكلىمىگەن ھۆكۈمەت يوق؛ قايسى ھوقۇق-ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىلا خۇدا تەرىپىدىن تىكلەنگەندۇر.
2
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوقۇق-ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچى كىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. قارشىلىق قىلغۇچىلار سوراققا تارتىلىدۇ
3
(چۈنكى ھۆكۈمرانلار ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلغۇچىلارغا قورقۇنچ كەلتۈرىدۇ). ھۆكۈمرانلاردىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا ياخشى ئەمەل قىل. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىدىن تەرىپلىنىسەن.
4
چۈنكى ھۆكۈمرانلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر. لېكىن يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭ كېرەك! [ھۆكۈمران] قىلىچنى بىكارغا ئېسىۋالمايدۇ، ئۇ يامانلىق قىلغۇچىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى كۆرسىتىدىغان جازا بەرگۈچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ خىزمەتچىسىدۇر.
5
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.
6
مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ باج تاپشۇرۇڭلار؛ ھۆكۈمرانلار بولسا، خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇشقا بېكىتكەن خىزمەتكارلىرىدۇر.
7
ھەركىمگە ئۆز تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار؛ غەللە-پاراق تاپشۇرۇۋالغۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىلارغا باجنى تاپشۇرۇڭلار؛ ئېھتىرامغا تېگىشلىك بولغانلارغا ئېھتىرام قىلىڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى ھۆرمەت قىلىڭلار.
8
بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشتىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچنەرسىدىن قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
9
چۈنكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېگەن پەرھىزلەر ۋە بۇلاردىن باشقا ھەرقانداق پەرزلەرمۇ، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.
10
مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.
11
ھازىرقى ۋاقىتنىڭ جىددىيلىقىنى بىلىپ، شۇلارنى قىلىڭلار. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا نىسبەتەن نىجاتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.
12
كېچە ئۆتۈشكە ئاز قالدى، كۈندۈز يېقىنلاشتى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ قورال-ياراقلىرىنى كىيەيلى.
13
كۈندۈزگە مۇۋاپىق دىيانەتلىك ھايات كەچۈرەيلى، ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە كەيپ-ساپاغا، جېدەل-ماجىرا ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەيلى؛
14
ئەكسىچە ئۆزۈڭلارغا رەب ئەيسا مەسىھنى كىيىۋېلىڭلار ۋە گۇناھكار ئەتتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قانداق قاندۇرۇشنى ھېچ ئويلىماڭلار.